پېنتاگون ئەمەلدارى: شىمالىي كورېيەنى تىز پۈكتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى قۇرۇقلۇقتىن ئىشغال قىلىش

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالغان تەقدىردە، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال مەركەزلىرىنى يوقىتىپ تاشلاشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ئىشغال قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

841569
پېنتاگون ئەمەلدارى: شىمالىي كورېيەنى تىز پۈكتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى قۇرۇقلۇقتىن ئىشغال قىلىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى مايكېل ج.دۇمونت، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن تېد لىئېئۇ ۋە رۇبېن گاللېگوغا شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىققان تەقدىردە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار ئىشلارنى مەزمۇن قىلغان بىر پارچە مەكتۇپ يوللىدى.  مەكتۇپىدا «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى پىلانلىرىنىڭ پۈتۈن تەپسىلاتلىرىنى تولۇق شەكىلدە ئېنىقلاپ چىقىش ۋە ئۇنى يوقىتىپ تاشلاشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىشغال قىلىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن دۇمونت، شىمالىي كورېيەنى قۇرۇقلۇقتىن ئىشغال قىلىش قارار قىلىنغىنىدا، پيوڭياڭنىڭ بۇنىڭغا قارشى خىمىيەلىك ۋە بىيولوگىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

دۇمونتنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بەرگەندە، مەيلى ئەڭ تۆۋەن مەيلى ئەڭ يۇقىرى مۆلچەر بىلەن قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى قىيىن ئىكەن.

ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى 1950 – يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يادرو قورالى سوغۇقچىلىقى، پيوڭياڭنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئارقا – ئارقىدىن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى ۋە تەرەپلەرنىڭ بىر – بىرلىرىگە قارشى ئېلان قىلغان باياناتلىرى يۈزىسىدىن ئېغىرلىشىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر