شى جىنپىڭدىن شىمالىي كورېيە رەھبىرىگە «يولداش» جاۋابى

شى جىنپىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلانغانلىقى ئۈچۈن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىغان كىم جۇڭئۇنغا رەھمەت ئېيتتى.

839510
شى جىنپىڭدىن شىمالىي كورېيە رەھبىرىگە «يولداش» جاۋابى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شى جىنپىڭ «يولداش» دەپ ئاتىغان كىم جۇڭئۇنغا رەھمەت ئېيتىپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى يېڭى ئەھۋالنىڭ شىمالىي كورېيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ سىجىل، ساغلام بىر شەكىلدە داۋاملىشىشى، ئىككى دۆلەت خەلىقلىرىنىڭ بەخت – سائادىتى ۋە باياشاتلىقى، رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۈرتكلىك رول ئوينىشىغا تىلەكداشمەن. كىم جۇڭئۇن رەھبەرلىكىدىكى شىمالىي كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسى باشلامچىلىقىدا سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشىدا شىمالىي كورېيە خەلقىگە دائىمىي مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر