شىمالىي ئىراقتا مەسئۇد بارزانى دەۋرى ئاخىرلاشتى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسئۇد بارزانىنىڭ سالاھىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋە ئادالەت كېڭىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە ئالاقىدار قارار ئاۋازغا قويۇلدى.

836617
شىمالىي ئىراقتا مەسئۇد بارزانى دەۋرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسئۇد بارزانىنىڭ سالاھىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋە ئادالەت كېڭىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە ئالاقىدار قارار، كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە قوبۇل قىلىندى.

ئىراق تۈركمەن فىرونتى ئەربىل پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن مەرۇف، پارلامېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان بارزانىنىڭ باشلىقلىق سالاھىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت، پارلامېنت ياكى ئادالەت كېڭىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى قارارىنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەرۇفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارلامېنت يەنە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتتىكى باشلىقلىق دىۋانى ئورنىنى تارقىتىۋېتىشنىمۇ قارار قىلغان.

مەسئۇد بارزانى، پارلامېنتقا مەكتۇپ يوللاپ، 1 – نويابىردا ئاخىرلىشىدىغان باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى «داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىنى ۋە مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىنىمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ جەرياندا، مەسئۇد بارزانىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقانلىقى سەۋەبىدىن سالاھىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىنىشى مەقسىتىدە چاقىرىلغان يىغىن ئەسناسىدا، كورد دېموكراتلار پارتىيەسى تەرەپدارى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر گۇرۇپپا كىشى پارلامېنتقا كىرىشكە ئۇرۇندى. قوللىرىغا كالتەكلەرنى ئالغان ھالدا بىنانى قورشىۋالغان نامايىشچىلار، بارزانىنى قوللاپ شوئارلارنى توۋلىدى، ئارقىدىن يىغىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىناغا كىرىشكە ئۇرۇندى ۋە ئاسمانغا ئوق چىقاردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق نامايىشچىلارنى بىنانىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر