پۇتىن گېرمانىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمىيېر بىلەن كۆرۈشتى.

834962
پۇتىن گېرمانىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستېينمىيېر موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىپ نورمال سەۋىيەدىن خېلىلا يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ خۇشاللىنارلىق سەۋىيەدە ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئارىمزدا ھەل بولمىغان مەسىلىلەرمۇ بار. بولۇپمۇ قىرىمنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشلار مۇناسىۋەتلىرىمىزنى داۋاملىق يىرىكلەشتۈرۈۋېتىدۇ.»

پۇتىن ئۇچرىشىشتا، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىنىسك كېلىشىمىنى ئاساس قىلىش مەسىلىسىدە ستېينمىيېر ئالىيلىرى بىلەن ئوخشاش تونۇشقا ئىگىمىز. بۇ دائىرىدە رۇسىيەنىڭ پىلانى بولغان ئۇكرائىناغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرتىپ ساقلىغۇچى قىسىملار ئەۋەتىش توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بارلىق قىيىن ئۆتكەللەرگە قارىماي ئىزچىل تەرەققىي قىلىۋاتقان رۇسىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر