تۈركىيە سومالىلىقلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ

تۈركىيە بومبا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 300 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان سومالىلىقلارنىڭ يارىلىرىنى تېڭىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. بارلىق يارىدارلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەلىم - تەربىيە ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

828900
تۈركىيە سومالىلىقلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  35 يارىدار بولسا ھەربىي ئايروپىلان بىلەن ئەنقەرەگە كەلتۈرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن باش ئىشتاب باشقارمىسىغا ئائىت  A-400M  تىپلىق ئايروپىلان ئارقىلىق مەركەزنىڭ 10 كىشىلىك ئىزدەش – قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتى بىلەن تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ 3 نەپەر خادىمى مۇگادىشوغا ئەۋەتىلدى. سەھىيە مىنىستىرلىقىمۇ ئايروپىلان بىلەن 10 توننا دورا ۋە تېببىي ماتېرىياللارنى ئەۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر