ماتتىس: كىرىزىس تۈركىيە - ئامېرىكا ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمىدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ۋىزا كىرىزىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

825446
ماتتىس: كىرىزىس تۈركىيە - ئامېرىكا ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ۋىزا مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلاشقان ئاساستا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

جېيمس ماتتىس مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ۋىزا بېرىشنى توختىتىپ قويۇش قارارلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە دائىر بىر سوئالىغا، «تۈركىيە ئون يىللاردىن بۇيان ناتو ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە تۈركىيە چېگرالىرى ئىچىدە ئاكتىپ توقۇنۇش يۈز بەرگەن بىردىنبىر ناتو دۆلىتى. يېقىن ھەمكارلىقىمىز ۋە ئالاقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىمىز بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. ئىنجىرلىك پۈتۈنلەي ئوچۇق. ئالاقە قاناللىرىمىز ئوچۇق. شىمالىي كورېيە، شىمالىي سۇرىيە ۋە تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ھاۋا ئارمىيەلىرىمىز ئۆزئارا كۆرۈشۈۋاتىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى.

ماتتىس، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك كىرىزىسنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ – كۆرسەتمەيدىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېمەيدىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دىپلوماتىك مەسىلىلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «بۇ ھەقتە پەرەزگە ئاساسەن بىر نەرسە دېيىشنى خالىمايمەن، بىراق ئوچۇقىنى دېسەم، بۇرۇن بۇنداق ئىش بولمىدى. (تۈركىيە) بىر ناتو شېرىكى ۋە ئورتاق دۈشمىنىمىزگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىمىز. ھەربىي جەھەتتە بىرلىكتە ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىمىز.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر