بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ راققەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا 14 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى راققە شەھىرىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 14 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

825697
بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ راققەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا 14 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «راققە جىمجىتقىنا قەتل قىلىنماقتا» ناملىق پائالىيەتچىلەر تورى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ تەدمۇر ناھىيەسىدە راققە كۆچۈپ كەلگەن ئىككى ئائىلىنى ھاۋادىن توپقا تۇتۇپ، 14 پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى، سۈرىيەدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى دائېشقا قارشى باشلىنىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 674 ى كىچىك بالا، 504 ئايال بولۇپ جەمئىي 2086 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەر، 2014 – يىلى 23 – سېنتەبىردە سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر