ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى كوريېە يېرىم ئارىلىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ B-B1 تىپلىق ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانى كورېيە يېرىم ئارىلى ئاسمىنىدا ئۇچتى.

824830
ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى كوريېە يېرىم ئارىلىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، گۇئام ئارىلىدىن قوزغالغان ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانغا جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ ھەمراھ بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر كېچە مانېۋىرىنىڭ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتلىرىگە قارشى ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى نامايان قىلىشنى نىشان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ جەرياندا، شىمالىي كورېيە تور ھۇجۇمچىلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا تەرىپىدىن تەييارلانغان يۈز بەرگۈسى ئۇرۇش پىلانىغا دائىر مەخپىي ھەربىي ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن مەزكۇر ۋەقەدە، 235 گىگابايتلىق ھەربىي ھۆججەتنىڭ شىمالىي كورېيە تور ھۇجۇمچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پىيوڭياڭ دائىرىلىرى بولسا، بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر