كاتالونىيە: مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشتىن ۋاز كەچمەيمىز... ئىسپانىيە: پارچىلىنىشقا يول قويمايمىز

ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ باشلىقى كارلېس پۇئىگدېمونت، بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

822959
كاتالونىيە: مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشتىن ۋاز كەچمەيمىز... ئىسپانىيە: پارچىلىنىشقا يول قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇئىگدېمونت كاتالونىيە TV3 قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «بىز بىر تەرەپلىمە مۇستەقىللىق ئېلانى، دەپ قارىمايمىز. بىز مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش دەيمىز. بۇ، قانۇنىمىزدا بار ۋە قانۇندا كۆرسىتىلگەن ئىشلارنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى قانۇنىنى تايانچ قىلىپ كۆرسەتكەن پۇئىگدېمونت، قانۇندا كۆرسىتىلگەن «ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى نەتىجىسىدە <ماقۇللۇق> بىلدۈرۈلسە، رەسمىي نەتىجە ئېلان قىلىنىپ 48 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنسا بولىدۇ» دېگەن ماددىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، 10 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى مەھەللىي پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش مەسىلىسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇپ – قويۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىدى.

مۇستەقىللىق تەرەپدارى خەلق ھەرىكەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلغان كاتالونىيە مىللىي ئانسامبىلى بولسا، سەيشەنبە كۈنى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى؛ قىلغان كاتالونىيە مىللىي ئانسامبىلى باشلىقى جوردى سانچېز، «1 – ئۆكتەبىردە بېلەت تاشلىدۇق ۋە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە غەلىبە قىلدۇق. نەتىجە ناھايىتى روشەن بولدى. بىز بىر گەۋدە خەلقمىز. 10 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى مۇستەقىللىقىمىزنى ئېلان قىلىمىز» دېدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىئانو راجوي بولسا، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، «ئىسپانىيە بۆلۈنمەيدۇ، مىللىي بىرلىك داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئۇ «ئەلپائىس» گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، «نېمە قىلىشىمىزنى كېرەكلىكىنى بىلىمىز. ناھايىتى روشەن شەكىلدە شۇنى دېيەلەيمەنكى، مۇستەقىللىق يوق. مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش تەھدىتى، سىياسەت سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقالمىغۇچە ھۆكۈمەت قارارلارنى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر