ئامېرىكا تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

822414
ئامېرىكا تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگوننىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشخانىسى باياناتچىسى ئېرىك پاخون يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «سۈرىيە ھاكىمىيىتى، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىنى سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن بىخەتەر رايون ئەمەس، خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىۋاتقان ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەر ساھەسىگە ئايلاندۇرغانىدى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ناتو ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ چېگرالىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشى، تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىخەتەر رايون تەسىس قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باياناتچى پاخون، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ <جەبھەتۇششام> دېگەن نام بىلەن تونۇلغان <نۇسرە فىرونتى> غا ئالاقىدار پوزىتسىيەسى ئۆزگەرمىدى. (بۇ) تەشكىلات ئەلقائىدەنىڭ سۈرىيەدىكى داۋامى بولۇپ، چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدە ئىسمى بار.» دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەلقائىدە بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان نۇسرە فىرونتىنىڭ ھېلىھەم ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پاخون، تەشكىلاتنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ ئەمەس، ئەلقائىدەنىڭ پىلان – مەقسەتلىرى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىدلىب ھەربىي ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئىدلىب ۋىلايىتى، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمى دائىرىسىدە جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش رايونلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ كاپالەتچىسى تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ كاپالەتچىسى رۇسىيە ئارىسىدىكى قويۇق مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىغا كىردى.

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، بىر قىسىم تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىگە بېرىش تەييارلىقلىرى تاماملاندى.

ئىدلىب، ھاكىمىيەتكە قارشى ھەربىي كۈچلەر بىلەن بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر