رۇسىيەدە پۇتىنغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

رۇسىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

822544
رۇسىيەدە پۇتىنغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش فوندى» نىڭ قۇرغۇچىسى، پائالىيەتچى ئالېكسېي ناۋالنېي ۋە باشقا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، پۇتىننىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا يۈزلەرچە ئادەم ئىشتىراك قىلدى.

«پۇتىن تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن» ۋە «رۇسىيە ئەركىنلىشىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، پۇتىنغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا پات – پات سۈركىلىش يۈز بەردى؛ 80 ئەتراپىدا ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

نامايىشلاردا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر