«ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىق مەنبەسى»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

820350
«ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىق مەنبەسى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇھانى تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ھۇلۇسى ئاقارنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقنىمۇ يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز.»

تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار مۇنداق دېدى: «ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىككى مۇھىم كۈچ سۈپىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ھەم ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايوندا مۇقىملىق ھەم تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن. بىز تېررورىزم ۋە مۇقىمسىزلىققا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە دوست ئەللەر بىلەن، بولۇپمۇ ئىران بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تەييارمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر