تىللېرسون ئۆزى توغرىسىدا چىقىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ راست ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان چىقىۋاتقان ئۆزى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ راست ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

820750
تىللېرسون ئۆزى توغرىسىدا چىقىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ راست ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە چىقىشقا باشلىغان «ئىستېپا بېرىدۇ» دېگەن خەۋەرلەرنىڭ راست ئەمەسلىكىنى، ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رېكس تىللېرسون مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېقىنقى كۈنلەردە پەيدا بولغان «ئىستېپا بېرىدۇ» دېگەن خەۋەلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە «پىرېزىدېنتقا بولغان ساداقىتىم كۈچلۈكتۇر. مۇئاۋىن پىرېزىدېنتمۇ ھېچبىر ۋاقىت خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇم توغرىسىدا مېنى قايىل قىلىشقا تىرىشمىدى. چۈنكى، بۇ ۋەزىپىنى تاشلاشنى قەتئىي ئويلىمىدىم» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ توغرىسىدا «ئۇ، ئەقىللىك ۋە دۆلىتىنى سۆيىدۇ. ئامېرىكا خەلقىنى ۋە ئامېرىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. قىلغان ھەر ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتىدۇ» دېگەن تىللېرسون، تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان «ترامپ بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىقى» توغرىسىدىكى ئانالىزلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن يىراق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تىللېرسون يەنە، ئامېرىكا NBC قانىلىدا بۈگۈن چىققان تىللېرسوننىڭ ترامپنى «كالۋا» دېگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرگە دائىر بىر سوئالغا «مەن كەلگەن يەردە بۇنداق ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىش يوق. رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى پارچىلاش غەزەرلىك بۇ خىل تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر پارچىسى بولمايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

پىرېزىدېنت ترامپمۇ NBC قانىلى تەرىپىدىن تارقىتىلغان خەۋەرگە قارىتا تىۋېتتىر ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «NBC خەۋەرلەر قانىلى مىنىستىر تىللېرسون ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنس تەرىپىدىن پۈتۈنلەي رەت قىلىندى. بۇ بىر يالغان خەۋەر. ئامېرىكىدىن كەچۈرۈم سورىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرتمۇ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى رەت قىلىپ، «مىنىستىر تىللېرسون ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ھەققىدە گەپ قىلغاندا ئۇنداق تىل ئىشلەتمەيدۇ. ئۇ بۇ سۆزنى ھېچكىم ئۈچۈن ئىشلەتمەيدۇ. قەتئىي ئۇنداق بىر نەرسە دېمىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر