سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى رۇسىيەدە

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

820707
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى رۇسىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ۋنۇكوۋو ئايرودۇرۇمىدا رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىمىترى روگوزىن ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخائىل بوگدانوۋ تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشمەسلىكلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ بۇ زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۈرىيەلىك ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى روسنېفتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى ئىگور سېچىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى ھېسابلىنىدىغان ئارامكونىڭ كېلەر يىللىق لايىھەسىدىن ئورۇن ئېلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت باھاسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋە باشقا ئەللەرگە قارىتا ھەمكارلىق ئورنىتىش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرمۇ داۋاملاشماقتا.

پادىشاھ سەلمان 3 كۈن داۋاملىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان زىيارىتى دائىرىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، باش مىنىستىرى دمىرى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

 زىيارەتتە، نېفىت باھاسىغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەردىن سىرت يەنە، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەمدە رايوندىكى كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىش چارىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر