ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۈچلەرنىڭ سۈرىيەدە پۇقرالارنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى ئەبۇ كەمال بازىرىنى بىر قانچە قېتىم بومباردىمان قىلدى.

818383
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۈچلەرنىڭ سۈرىيەدە پۇقرالارنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ دەيرۇززۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 12 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنىڭ كۆرگۈچىلەر، «دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى ئەبۇ كەمال بازىرىنى بىر قانچە قېتىم بومباردىمان قىلدى، ھۇجۇمدا 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

دەيرۇززۇر شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بۇقرۇس فۇقانى ئاھالىلەر رايونىدىكى ئىككىنچى بىر ھۇجۇمدا 7 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى، كەم دېگەندە 10 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر