خوڭكوڭدا مۇستەقىللىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىدا مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى.

818322
خوڭكوڭدا مۇستەقىللىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  «‹ South China Morning Post› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىڭلارچە كىشى 2014 – يىلقى «كۈنلۈك ئىنقىلابى» ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە 6 ئايدىن 8 ئاغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى بولغان سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلار قارا مايكىلارنى كىيگەن ۋە «كۈنلۈك ئىنقىلابى» نى خاتىرىلەش مەقسىتىدە كۈنلۈكلەرنى كۆتۈرگەن ھالدا خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ باش ئەمەلدارى كاررىئې لامدىن ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى رىمسكى يۇئەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ: «سىياسىي مەھبۇسلارنى قوللايلى» ۋە «پۇقراۋى ئىتائەتسىزلىك جىنايەت ئەمەس» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسى ئاۋغۇست ئېيىدا « Occupy Central» شوئارى ئاستىدا باشلانغان قانۇنسىز نامايىشلارنى تەشكىللەش ۋە باشقىلارنىمۇ بۇ نامايىشلارغا تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ جوشۇا ۋوڭ چىفۇڭنى 6 ئايلىق، ناسان لاۋ كۋۇنچۇننى 8 ئايلىق، ئالېكس يوڭكاڭنى 7 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.

خىتاي 2014 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا خوڭكوڭ خەلقىنىڭ مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆزلىرى سايلاپ چىقالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن نامزاتلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋەكىللىك قىلىش كومىتېتى تەرىپىدىن بەلگىلەپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.

« Occupy Central» شوئارى ئاستىدا باشلانغان ۋەقەلەر نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلار ئىشلەتكەن ياش ئاققۇزۇش بومبىسىغا قارشى ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىش مەقسىتىدە كۈنلۈك كۆتۈرۈۋېلىشى سەۋەبىدىن خەلقئارا جەمئىيەتتە «كۈنلۈك ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغانىدى.

خوڭكوڭ 1898 – يىلى ئىمزالانغان «ئىجارە كېلىشىمى» ئارقىلىق ئۇزۇن يىللار ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالغاندىن كېيىن 1997 – يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنىدى.

بۇ ھەقتە ئىمزالانغان خىتابنامە دائىرىسىدە خوڭكوڭغا 2047 – يىلغىچە خىتايغا پەقەت دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە مۇداپىئە قاتارلىق ساھەلەردىلا قاراشلىق بولۇپ: «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتى ئارقىلىق باشقۇرۇش جەھەتتىكى مۇستەقىللىقى ۋە قۇرۇلمىسىنى قوغداش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر