دونالد ترامپ يېقىندا خىتاي قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

دونالد ترامپ 13- ۋە 14-نويابىر ئىككى كۈن ياپونىيە ۋە خىتاي قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ.

817289
دونالد ترامپ يېقىندا خىتاي قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13- ۋە 14-نويابىر ئىككى كۈن ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، خىتاي، ۋيېتنام  ۋە  فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دونالد ترامپنىڭ زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت مەدەنىيەت، ئىقتىساد بولۇپ باشقا مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ترامپنىڭ زىيارەت دائىرىسىدە يەنە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىرلىكى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر بىرلىكى باشلىقلار يىغىنلىرىغىمۇ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت ترامپ ئەركىن ۋە پاراۋان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بەرپا قىلىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقى نۇقتىسىدىن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ سودا شىرىكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئادىللىق پىرىنسىپىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ، پىرېزدىدېنت يەنە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تولۇق تازىلاش مەسىلىسىدىكى ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى، شۇنداقلا شىمالىي كورېيە تەھدىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنىمۇ تەكىتلەيدۇ.»

دونالد ترامپنىڭ بولۇپمۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان كۆرۈشۈشىنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسى نۇقتىسىدىن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر