رۇسىيەدە ئادەم گۆشى يەيدىغان ئەر – ئايال قولغا ئېلىندى

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ ئادەمخور ئەر – ئايال 1999 – يىلىدىن بۇيان ئادەملەرنى ئېلىپ قېچىش، ئۆلتۈرۈش ۋە گۆشىنى يېيىشى قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن.

814264
رۇسىيەدە ئادەم گۆشى يەيدىغان ئەر – ئايال قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ كىراسنودارىسكى رايونىدا 1999 – يىلىدىن بۇيان 30 جىنايەتتە جاۋابكارلىقى بارلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئادەمخور ئەر – ئايال نازارەتكە ئېلىندى.

رۇسىيەنىڭ «NTV» قانىلىنىڭ رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتىنى مەنبەر كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، بىر ئەر - ئايالنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«Mir 24» قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بولسا، بۇ ئەر – ئايالنىڭ بەزى قۇربانلىرىنىڭ ئەزالىرىنى  توڭلاتقۇدا ساقلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ ئادەمخور ئەر – ئايال 1999 – يىلىدىن بۇيان ئادەملەرنى ئېلىپ قېچىش، ئۆلتۈرۈش ۋە گۆشىنى يېيىشى قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن.

ساقچىلار ھازىرغا قەدەر قۇربانلاردىن 7 كىشىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

مەزكۇر جىنايەتچىلەردىن بىرسى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ھەربىي ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا بىر ئايالنىڭ جەسىتى تېپىلغاندىن كېيىن نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى. بۇ جەرياندا يەنە ئۆلتۈرۈلگەن ئايالنىڭ ئەزالىرىنىڭ پارچىلىرى بىلەن تولغان بىر كوزا تېپىلغان ئىدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي كىراسنوداردا بىر كوچىدا ئىچىدە ئادەمنى يىرگەندۇرىدىغان رەسىملەر بار بىر قول تېلېپونى تېپىلدى. رەسىملەردە نازارەتكە ئېلىنغان گۇماندار ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان كىشىنىڭ مەزكۇر ئۆلتۈرۈلگەن ئايالنىڭ ئەزالىرى قاچىلانغان كوزا بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن رەسىمىمۇ بار ئىدى.

گۇماندار دەسلەپتە ئايالنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى رەت قىلىپ، پەقەت كوزىنى ئۇچراقاندا بىرگە رەسىمگە چۈشكەنلىكىنى، كېيىن تېلېفوننى يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ساقچىلار ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر