ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى شىمالىي كورېيە چېگراسىدا....

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە ھەيۋە كۆرسەتتى؛ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شىمالىي كورېيە چېگراسىغا يېقىن رايوندا ئۇچتى.

812840
ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى شىمالىي كورېيە چېگراسىدا....

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) بايانات ئېلان قىلىپ، ئايروپىلانلارنىڭ مەزكۇر رايوندا ئۇچۇشىدىكى مەقسەتنىڭ «ئامېرىكىنىڭ ھەربىي چارىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى شىمالىي كورېيەگە كۆرسىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە تەھدىتىگە قارىتا ئۆزى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، شىمالىي كورېيەدە مەيدانغا كەلگەن 3.4 بال يەر تەۋرەشنىڭ يېڭى بىر ھىدروگېن بومبىسى سىنىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. جەنۇبىي كورېيەلىك ئەمەلدارلار بولسا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەبىئىي تەۋرەش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

شىمالىي كورېيەنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا سىناق قىلغان ھىدروگېن بومبىسى 5.4 بال تەۋرەش پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر