شىمالىي كورېيە ترامپنىڭ باياناتلىرىغا جاۋاب قايتۇردى

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭ-خو، دۆلىتىنىڭ يادرو پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئامېرىكا ئىشغالىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

812904
شىمالىي كورېيە ترامپنىڭ باياناتلىرىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭ-خو، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە دۆلىتىنىڭ يادرو پائالىيەتلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى؛ ترامپنى «بارمىقى يادرو قوراللىرىدا تۇرۇۋاتقان، ئەقلىي جەھەتتە تۇراقسىز بىر مۇتەكەببۇر» دەپ ئاتىغان رى يوڭ-خو، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ-ئۇننى «ئۆلۈۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان راكېتا ئادەم» دېگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپغا «بۇنداق داۋاملىشىدىغان بولسا، شىمالىي كورېيە راكېتامىيوتلىرىنىڭ پۈتكۈل ئامېرىكا ئاساسىي قىتئەسىگە يېتىپ كېلىدىغانلىقى» نى ئېيتىپ تەھدىت سالغان ھالدا جاۋاب قايتۇردى.

«ترامپتىن باشقا ھېچكىم ئۆلۈۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ» دېگەن رى، «بۇ ئۆلۈۋېلىش ھۇجۇمى تۈپەيلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىگۇناھ پۇقرالار ئۆلسە، بۇنىڭ جاۋابكارلىقى پۈتۈنلەي ترامپقا ئائىتتۇر» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، ب د ت دىكى سۆزىدە، ئەگەر ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر بولۇپ قالساق، «شىمالىي كورېيەنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاشتىن باشقا تاللىشىمىز قالمايدۇ» دېگەنىدى.

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭ-خو، دۆلىتىنىڭ يادرو پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مەقسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مۇداپىئەلىنىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىزنىڭ مىللىي يادرو كۈچىمىز باشقىلارنى ئۇرۇشتىن ۋاز كەچتۈرۈش، ئامېرىكىنىڭ يادرو تەھدىتىگە خاتىمە بېرىش ۋە ئامېرىكا ئىشغالىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىغا «ناھەقچىلىك» دەپ باھا بەرگەن شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى، بۇ ئېمبارگولارنىڭ دۆلىتىنى يادرو پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر