ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە بومباردىمانچى ئايروپىلانلار بىلەن مانىۋېر ئۆتكۈزدى

خىتاي بىلەن رۇسىيەمۇ بۈگۈن ئەتىگەندە، شىمالىي كورېيەگە يېقىن جايدا ئورتاق دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرى ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

809386
ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە بومباردىمانچى ئايروپىلانلار بىلەن مانىۋېر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە بومباردىمانچى ئايروپىلانلار بىلەن مانىۋېر ئۆتكۈزدى. 

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىغا تەۋە «B-1B» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ۋە 4 «F-35» ئالۋاستى ئايروپىلانى بىلەن جەنۇبىي كورېيەگە تەۋە 4 «F-15K» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا بىرلىكتە مانىۋېر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ مانىۋېرنىڭ مەقسىتى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا قارشى ھەيۋە كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خىتاي بىلەن رۇسىيەمۇ بۈگۈن ئەتىگەن سەھەردە شىمالىي كورېيەگە يېقىن جايدا ئورتاق دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرى ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى نىككى ھالېي شىمالىي كورېيەنىڭ بارلىق تاللاشلارنى يوقۇتۇپ بولغانلىقىنى ۋە ئەمدىلىكتە ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر