ئىراق پىرېزىدېنتى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تەرەپلەرنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇم، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى پەيدا قىلغان سىياسىي كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يىغىن ئۆتكۈزۈشكە، دىيالوگ ئورنىتىشقا چاقىردى.

808608
ئىراق پىرېزىدېنتى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تەرەپلەرنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇم، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى پەيدا قىلغان سىياسىي كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يىغىن ئۆتكۈزۈشكە، دىيالوگ ئورنىتىشقا چاقىردى.

ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇم يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئېزىز دۆلىتىمىز، سىياسەت ۋە ئالىي مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزنى ئېغىر ۋە خېيىم – خەتەرگە ئىتتىرىدىغان سىياسىي كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە. شۇڭا، سىياسىي پارتىيە ۋە گۇرۇپپا رەھبەرلىرىنى بۇ كىرىزىس توغرىسىدا قويۇق يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈشكە، دىيالوگ ئورنىتىشقا چاقىرىمەن» دېدى.

باغداد بىلەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى بۇ كىرىزىسنى پەۋقۇلئاددە كۈچ چىقىرىپ ھەل قىلىشقا چاقىرغان فۇئاد مەسۇم، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىكى خەلق ۋە پۈتكۈل ئىراق پۇقرالىرىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىشەنچ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى كىرىزىسى تۈپەيلى نيۇ يوركتا چاقىرىلىدىغان ب د ت  ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پىرېزىدېنت فۇئاد مەسۇم، باش مىنىستىر ھەيدەر ئەلئىبادىنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىدا يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر