ترامپ: بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىرما بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئىرما بوران – چاپقۇنىدا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان فلورىدا ئىشتاتىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا فلورىدا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئاپەتتىن كېيىن رايونغا يېتىپ بېرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان خىزمەتچى خادىملارغا رەھمەت ئېيتتى.
بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 20 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان بولۇشىغا قارىماي، بوران – چاپقۇننىڭ شىددەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ترامپنىڭ: «ئاپەت جەريانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز» دېگەن سۆزلىرى نارازىلىق قوزغىدى.
ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھارۋېي بوران – چاپقۇن ئاپىتىدىن كېيىن ئىرما بوران – چاپقۇن ئاپىتىمۇ فلورىدا ئىشتانىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقانىدى.
پىرېزىدېنت ترامپ «ھارۋېي» ناملىق بوران - چاپقۇن ئاپىتىدىن كېيىنمۇ تېكساسقا بېرىپ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى.