ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى

ئىسرائىلىيە بىلەن رايوندىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى ھەققىدىكى بايانات ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

802301
ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئىسرائىلىيە بىلەن رايوندىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق باياناتچىسى ئوفىر گېندېلمان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا قىلغان سۆزىدە، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ «ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نېتانياھۇ ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە لاتىن ئامېرىكا ۋە نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولىدۇ.

نېتانياھۇنىڭ لاتىن ئامېرىكىنى زىيراەت قىلغان تۈنجى ئىسرائىلىيە باش مىنىسىرى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

نېتانياھۇ يەنە، بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەلچىخانىسى بومباردىمان قىلىنغان ئارگېنتىنانىمۇ زىيارەت قىلىدۇ.

نېتانياھۇنىڭ لاتىن ئامېرىكا زىيارىتى دائىرىسىدە ئارگېنتىنا، كولومبىيە ۋە مېكسىكانىمۇ زىيارەت قىلىدىغانلىقى، ئارقىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نىيۇيوركقا بارىدىغانلىقى ئوقتۇرۇلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر