ئەسەد قىسىملىرى خان شەيخۇنغا سارىن گازى بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئەسەد قىسىملىرى مۇشۇ تۆت ئاي ئىچىدە پۇقرالارغا 7 قېتىم خىمىيەلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

802197
ئەسەد قىسىملىرى خان شەيخۇنغا سارىن گازى بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا مۇستەقىل سۈرىيە تەتقىقاتچىلىرى كومىتېتى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ 4 –ئاپرېلدا خان شەيخۇنغا سارىن گازى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا مۇستەقىل سۈرىيە تەتقىقاتچىلىرى كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 33 قېتىم خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە مۇشۇ مارت ئېيىدىن ئىيۇل ئېيىغىچە بولغان جەرياندىلا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ 7 قېتىم خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. 

بۇ قېتىمقى سارىن گازى ھۇجۇمىدا 80 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كىچىك بالا ۋە ئاياللارنىڭمۇ بارلىقى تەكىتلەندى.

مۇستەقىل سۈرىيە تەتقىقاتچىلىرى كومىتېتى يەنە، 16–مارتتا سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىگە قاراشلىق جىنە يېزىسىدىكى 38 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر