دونالد ترامپ بىلەن تىرېسا مېي تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېينىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

801831
دونالد ترامپ بىلەن تىرېسا مېي تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئىشخانىسى ترامپ بىلەن مېينىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، تىرېسا مېي بىلەن دونالد ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. تىرېسا مېي شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتىنىڭ رايونغىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىمالىي كورېيەگە «مەسئۇلىيەتسىزلارچە قىلىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئېنىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى» نى ئەسكەرتىپ، ئېمبارگولارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم قىلىشتا، ئامېرىكا ۋە باشقا شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

تىرېسا مېي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى يولغا قويۇلىدىغان يېڭى تەدبىرلەر ئۈستىدە تېزدىن كېلىشىپ، خەلقئارالىق كۈچلۈك بىر ئاۋاز بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى يولغا قويالايدىغان تەدبىرلىرى توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

تىرېسا مېي بىلەن دونالد ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا خىتاينىڭ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر