بەششار ئەسەد قىسىملىرى دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەرگەن

رۇسىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى سۈرىيە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

802280
بەششار ئەسەد قىسىملىرى دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەرگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئىشلىرىغا مەسئۇل گېنېرالى سېرگېي رۇدسكوي رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى سۈرىيە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن سۈرىيە بەششار ئەسەد قىسىملىرى يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىملىرىدا دائېشقا ئېغىر زەربىلەرنى بەردى. بۇ جەرياندا، 4800 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جاي قايتۇرۇۋېلىندى، 59 تۇرالغۇ رايونى دائېش قوراللىق كۈچلىرىدىن تازىلاندى» دېدى.

رۇدسكوي دېيرۇز روردا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ غەلىبىنىڭ بۇرۇندىن بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن بارلىق غەلىبىلەردىن مۇھىملىق ياكى باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر