ئىسرائىلىيە 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانىۋېرىنى ئۆتكۈزمەكچى

مانىۋېرغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا، قۇرۇغلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىستىخبارات تەشكىلاتىمۇ قاتنىشىدۇ.

801315
ئىسرائىلىيە 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانىۋېرىنى ئۆتكۈزمەكچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانىۋېرىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرى ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى موسادنىڭ سابىق باشلىقى مېيىر داغاننىڭ ئىسمى بېرىلگەن مەزكۇر ھەربىي مانىۋېرنىڭ لىۋان چېگراسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيە شامالىي مۇداپىئە قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن قۇماندانلىق قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«مېيىر داغان ھەربىي مانىۋېرى»نىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانىۋېر بولىدىغانلىقى، 11 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە ئونمىڭلىغان زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ھەمدە بۇ مانىۋېرنىڭ نىشانى ھىزبۇللاھ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «Yedioth Ahronot» گېزىتى، بىر ھەربىي مەنبەنى تايانج قىلغان خەۋىرىدە، «مانىۋېرنىڭ نىشانى جەنۇبىي لىۋاندىكى ھىزبۇللاھقا قارشى چوڭ بىر ھۇجۇمنىڭ تەييارلىقىدۇر» دېگەن مۇلاماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى.

خەۋەردە، مەزكۇر ھەربىي مەنبەنىڭ يەنە، مانىۋېرنىڭ ئىككىنچى مەقسىتى، ھىزبۇللاھ ئەزالىرىنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىدىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مانىۋېرغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا، قۇرۇغلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىستىخبارات تەشكىلاتىمۇ قاتنىشىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ئامىر ئېشەلمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىسرائىلىيە يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان سۈرىيەدە ھىزبۇللاھقا ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا قورال يۆتكەۋاتقان ئاپتوموبىللارغا ئونلىغان قېتىم ھۇجۇم قىلدى» دېدى.

ئىسرائىلىيە 2011 – يىلىدىن بۇيان سۈرىيە ۋە جولان چوقۇسىدىن راكىتامىيۇت ئېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىغا ۋە سۈرىيە ھۆكۈمەت قىسىملىرىغا تەۋە ھەربىي نىشانلارغا پات – پات ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر