ترامپ جەنۇبىي كورېيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جېيىن ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن شىمالىي كورېيە توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

801121
ترامپ جەنۇبىي كورېيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى سۆھبەتلەشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، دونالد ترامپنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ 3-سېنتەبىردىكى يادرو بومبا سىنىقى توغرىسىدا جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكى؛ رەھبەرلەرنىڭ شىمالىي كورېيە تەھدىتىگە قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، دونالد ترامپنىڭ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە شىمالىي كورېيەنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا قارشى تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «ئىككى رەھبەر قولىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، شىمالىي كورېيەگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ھاسىل قىلىشتى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنىڭمۇ ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ جەنۇبىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشقا بولغان چەكلىمىنى قالدۇرۇش توغرىسىدا پىرىنسىپ جەھەتتىن تەستىقلىدى. پىرېزىدېنت ترامپ يەنە، جەنۇبىي كورېيەگە مىلياردلارچە دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنىمۇ مەنتىقە جەھەتتىن تەستىقلىدى» دېيىلدى.

باياناتتا، دونالد ترامپ-ئانگېلا مېركېل سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنداق دېيىلدى:

«ھەر ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيەنىڭ ئارقىمۇ ئارقا پەرۋاسىزلارچە قىلغان يادرو سىناقلىرىنى ئەيىبلىدى، شۇنداقلا ب د ت باشچىلىقىدىكى يېقىن كوردىناتسىيە ئىشلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. پىرېزىدېنت ترامپ بۇ ئىغۋاگەرچىلىكىنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي ئىرادىسىنى كۈچەيتىشكە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

باياناتتا، سۆھبەتلەردە شىمالىي كورېيەگە قارشى بارلىق پىلانلارنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنىڭ ئەسكەرتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر