تۈركىيە رەھبەرلىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىگمان گابرائېلنىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

796710
تۈركىيە رەھبەرلىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەنقىلد قىلغان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىگمار گابرائېلنى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

بىنالى يىلدىرىم «بىزنىڭ تۈركىيە بىلەن ئەمەس ئەردوغاننىڭ بىلەن مەسىلىمىز بار»دېگەن گابرائېلغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ زات ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلسۇن، ئۆزىنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىشى بىلەن بەند بولسۇن، تۈركىيەنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىسۇن، باشقىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق.»

گابرائېلغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ نارازىلىق بىلدۈردى.

پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا چاقىرىلغان تۈركىيە-رومىنىيە-پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان  چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە دائىرىلىرى تۈركىيە توغرۇلۇق نامۇۋاپىق باياناتلارنى بېرىۋاتىدۇ، سايلام ئۆتكۈنچىدۇر، دوستلۇق بولسا ئەبەدىيدۇر، ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشىنى تىلەيمەن، سايلامدىن ئىلگىرى بۇنداق باياناتلارنى بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، گېرمانىيە سىزىقتىن چىقىپ كەتمەسلىكى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر