«ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتىدۇ»

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى ئامېرىكىدا ۋېنېزۇئېلاغا قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

794854
«ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى يوللۇق قىلىش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مادۇرو سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تېلېفون-كونفېرانس سىستېمىسى بىلەن خەلقئارا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە بولۇپ نۇرغۇن دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مادۇرو مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى يوللۇق قىلىش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ۋېنېزۇئېلانىڭ جاھانگىرلىك قىلىش پىلانى قەتئىي يوق، ھازىرغىچە نە بىر دۆلەتنى بومباردىمان قىلىپ باقمىدى، نە ئىشغال قىلمىدى. بىز لاتىن ئامېرىكىدىكى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز.»

نىكولاس مادۇرو ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىسپانىيەنىڭ ھازىرقى مۇرەككەپ ۋەزىيىتىگە ئىتتىرىلىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆزىنى دىكتارتور قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلارنىڭ ۋېنېزۇئېلادا 18 يىل ئىچىدە 21 قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى كۆرمەسلىككە سېلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مادۇرو، پات يېقىندا يەنە سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بۇ سايلامغا ھاكىمىيەتكە قارشى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىنمۇ نامزات بولغانلارنىڭ چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو بىر سوئالغا قارىتا تۈركىيە-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈر بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر