ئىراق ئارمىيەسى تەلافەرگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى

ئىراق ئارمىيەسى تۈركمەن شەھىرى تەلافەرگە شەرق ۋە جەنۇبتىن ھۇجۇم قىلدى.

794488
ئىراق ئارمىيەسى تەلافەرگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى تەلافەر چېگراسىغا كىردى.

ئىراق ئارمىيەسى تۈركمەن شەھىرى تەلافەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارمىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان تەلافەرگە شەرق ۋە جەنۇبتىن ھۇجۇم قىلىنغان.

ئىراق قىسىملىرى تەلافەرنىڭ غەربىدىكى مەھەللىلەردە تېررورچىلارنى چېكىندۈرۈپ ئۇرۇش  لىنىيەسىدە ئالغا ئىلگىرىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر