قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا ھاجىلار مەسىلىسى كېلىپ چىقتى

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا بۇ قېتىم ھاجىلار مەسىلىسى كېلىپ چىقتى.

793551
قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا ھاجىلار مەسىلىسى كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قاتارلىق ھاجىلارنى جىددىگە يۆتكەش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى توغرۇلۇق چىققان خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

قاتار ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۇ ھەقتە  يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ قاتارلىق ھاجىلارنى  جىددىگە يۆتكەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ مەسىلىنى قاتار ۋەقپىلەر ۋە ئىسلامىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.  

سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋايوللىرى شىركىتى باش مۇدىرى سالىھ ئەل-جاسىر بايانات ئېلان قىلىپ، قاتار دائىرىلىرىنىڭ دوھادىكى خەلقئارا ھامەد ئايدودۇرۇمىغا قونۇش رۇخسىتى بەرمەسلىكى تۈپەيلى قاتارلىق ھاجىلارنى يۆتكەش ئۈچۈن ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى قاتارلىق ھاجى نامزاتلىرىنى دوھادىن جىددىگە يۆتكەش ئۈچۈن 7 ئايروپىلان سەپىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

رىياد ھاكىمىيىتى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنىمۇ قاتارلق ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق ۋىزا ئالمايمۇ قۇرۇقلۇق ۋە ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا كىرەلەيدىغانلىقىنى، چىقىمىنىڭ بولسا پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر