72 يىل ئىلگىرى ياپونىيە ۋەيران قىلىۋەتكەن ھەربىي پاراخوتنىڭ قالدۇقى تېپىلدى

72 يىل ئىلگىرى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسى ۋەيران قىىلىۋەتكەن ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ قالدۇقى تىنچ ئوكياندا تېپىلدى.

793554
72 يىل ئىلگىرى ياپونىيە ۋەيران قىلىۋەتكەن ھەربىي پاراخوتنىڭ قالدۇقى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە USS Indianapolis ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ قالدۇقى 72 يىلدىن كېيىن تىنچ ئوكياندا تېپىلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا ياپونىيەگە تەۋە دېڭىز ئاستى ھەربىي پاراخوتى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ قالدۇقى تىنچ ئوكياننىڭ 5.5 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدىن تېپىلغان.

USS Indianapolis ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى خىروشىماغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىنىڭ قالدۇقلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يوشۇرۇن ۋەزىپىسىدىن قايتىۋاتقاندا 1945-يىلى 30-ئىيۇلدا ياپونىيەگە تەۋە دېڭىز ئاستى ھەربىي پاراخوتى تەرىپىدىن فىلىپپىن دېڭىزىدىكى گۇئام ۋە لېيتې ئارىلىقىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ 12 مىنۇت ئىچىدىلا چۆكۈپ كەتكەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، 1196 خادىم بولغان بۇ ئۇرۇش پاراخوتىدىن ئاران 316 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر