ئىسپانىيەدە 2 – ھۇجۇمنىڭ ئالدى ئېلىندى

بارسېلونادا 13 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ساھىل يېزىسىدا 2 – ھۇجۇمنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقان 2 كىشى ئۆلتۈرۈلدى.

792323
ئىسپانىيەدە 2 – ھۇجۇمنىڭ ئالدى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتالان ساقچى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارسېلونادىكى ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بار بىر كىشى بېسىملىق گاز باكى بىلەن پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەن.

كاتالونىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىزدەش – ئاختۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 4 زوراۋان ئۆلتۈرۈلگەن، 1 زوراۋان يارىلانغان، كېيىنچە ئۇمۇ ئۆلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر