ئەسەد كۈچلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدە زەھەرلىك گاز ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ توقۇنۇشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان جايلار ئارىسىدىكى شەرقىي غۇتەنىڭ ئەين تەرما رايونىغا تەركىبىدە ھازىرچە ئېنىقلىنالمىغان زەھەرلىك گاز ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

791449
ئەسەد كۈچلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدە زەھەرلىك گاز ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەين تەرمادىكى پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى مەتبۇئات ئىشلىرى مەسئۇلى ئۆمەر ئەبۇ ئۇبەيدە، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ئەين تەرما بازىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلىرىغا تەركىبى ھازىرچە ئېنىقلىنالمىغان گاز ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەبۇ ئۇبەيدە، مەزكۇر گازدىن زەھەرلەنگەن تۆت ئۆكتىچىنىڭ چۆل دۇختۇرخانىلىرىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 دەمەشقنىڭ شەرقىگە جايلاشقان جوبار مەھەللىسى بىلەن ئەين تەرما ۋە زەمالىكە بازارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي غۇتە رايونى، 5 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدا تۇرماقتا.

ئەسەد ھاكىمىيىتى، شەرقىي غۇتەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يېرىم ئارال شەكلىدىكى جوبارنى غەربىي جەنۇبىدىكى ئەين تەرما ۋە زەمالىكەدىن ئايرىپ تاشلاپ، يالغۇز ھالىتىدە مۇھاسىرىگە ئېلىشنى پىلانلىماقتا. ئەگەر شۇنداق قىلالىسا، ھاكىمىيەت كۈچلىرى 3 يىلنىڭ مابەينىدە قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان شەرقىي غۇتەدىكى مۇھاسىرىنىڭ دائىرىسىنى تارايتىشقا مۇۋەپپەق بولغان بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر