ئامېرىكا ئىرانغا جاۋاب قايتۇردى

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېيلى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى دۇنيانى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىماسلىقنى ئېيتتى.

791106
ئامېرىكا ئىرانغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېيلى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ: «ئامېرىكىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى يادرو كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشتىن بۇرۇن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ۋە بېسىم سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا نىيەت قىلسا، بىزمۇ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، كېلىشىمدىن بۇرۇنقى ئەھۋالغا قايتىشتىن قىلچە ئايانمايمىز» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھېيلى، ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنىڭ، ئىراننىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېررورىزمغا ياردەم بېرىشى، قورال - ياراغ ئەتكەسچىلىكى، ئىغۋاگەرچىلىك تۈسىنى ئالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىرى سەۋەبىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ئېمبارگولارنىڭ ئىران بىلەن 1+5 (ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، خىتاي ۋە رۇسىيە) دۆلەتلىرى ھاسىل قىلغان يادرو كېلىشىمى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلغان ھېيلى: «ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى دۇنيانى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە رۇخسەت بېرىلمەسلىكى، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويۇلماسلىقى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى، تېررورىزمغا ياردم بېرىشى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبىدىن ئىراندىن داۋاملىق ھېساب ئېلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ھېيلىنىڭ كېلەر ھەپتە ۋىياناغا بېرىپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ يەردە ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان يېڭى ئېمبارگولارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر