جەنۇبىي كورېيەدە نۇرغۇن تۇخۇم فىرمىلىرى تاقىلىپ كەتتى

جەنۇبىي كورېيەدە كېسەللىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن تۇخۇم فىرمىلىرى تاقىلىپ كەتتى

790274
جەنۇبىي كورېيەدە نۇرغۇن تۇخۇم فىرمىلىرى تاقىلىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەدە ئىچىدە قۇرت-قوڭغۇز دورىسى بولغان تۇخۇملار بايقالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى 15 دۆلەتتىن سىرت، شىۋېتسارىيە ۋە خوڭكوڭدا بايقالغان ئىچىدە قۇرت-قوڭغۇز دورىسى بولغان تۇخۇملار بۇ قېتىم جەنۇبىي كورېيەدىكى بەزى تۇخۇ فىرمىلىرىدىن تېپىلدى.

يونخاپ ئاگېنتلىقى جەنۇبىي كورېيە يېزا-ئىگىلىك، ئاشلىق ۋە يېزا ئىشلىرى مىنسىتىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، پايتەخت سىئۇلنىڭ شەرقىگە جايلاشقان نامياڭجۇدا 80 مىڭ تۇخۇ بولغان بىر فىرمىدا بىر قىسىم تۇخۇملاردىن پىت، قۇرت-قوڭغۇزلارنى يوق قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان فىپرونىل ماددىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق بۇ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەدىكى 3000دىن ئارتۇق تۇخۇ بولغان فىرمىلاردا تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلىدى.

نامياڭگۇدىكى تۇخۇ فىرمىسىنىڭ كۈندە 25مىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىپرونىل ماددىسى بولغان تۇخۇملار سەۋەبىدىن دەسلەپ گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە گوللاندىيەدە، ئارقىدىن باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە غۇلغۇلا پەيدا بولدى.

فىپرونىلىن تۇخۇ فىرمىلىرىدا پىت، قۇرت-قوڭغۇزلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بىر قۇرت-قوڭغوز دورىسى بولۇشنىڭ ئەكسىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تۇخۇ فىرمىلىرىدا ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى فىپرونىلىننىڭ زىيانلىق ماددا ئىكەنلىكى، كۆپ ئىستېمال قىلىنغان تەقدىردە قۇرت-قوڭغۇز، جىگەر ۋە تىرويىت بېزىغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر