زەھەرلىك تۇخۇملار ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەدىمۇ بايقالدى

گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيەدىن كېيىن ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەدىمۇ زەھەرلىك تۇخۇملار بايقالدى.

785770
زەھەرلىك تۇخۇملار ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەدىمۇ بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇقلار ئاگېنتلىقى، «بۇ تۇخۇملارنىڭ ئەنگلىيەدىكى تارقىتىلىشىنى جىددىي تەكشۈرۈۋاتقانلىقلىرى» نى بىلدۈردى ۋە تۇخۇملارنىڭ سانىنىڭ «ناھايىتى ئاز» ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىنىڭ «ئىنتايىن تۆۋەن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، گوللاندىيەدىن فىرانسىيە تەۋەلىكىگە كىرگەن تەركىبىدە فىپرونىل ماددىسى بايقالغان 13 قاپ تۇخۇمنىڭ ئىككى دانە ئاشلىق – ئوزۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدا بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، مەزكۇر زەھەرلىك تۇخۇملارنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ياكى ئۆتمىگەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر