راققەدە ئاران 2 مىڭغا يېقىن دائېش تېررورچىلىرى قالدى

يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدىلا دائېشتىن 20 مىڭ كۇۋادىرات كېلومېتىر جاي قايتۇرۇپ ئېلىندى.

784209
راققەدە ئاران 2 مىڭغا يېقىن دائېش تېررورچىلىرى قالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ئالاھىدە ۋەكىلى برېت مىكگۇرك سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىدە 2 مىڭغا يېقىن دائېش تېررورچىلىرىنىڭ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

برېت مىكگۇرك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «دائېش ئەمدىلىكتە راققەدىكى مەۋجۇت بولغان ھەممىلا يەردە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈنلا ئۇرۇش قىلماقتا. بىز راققەدە ئاران 2 مىڭغا يېقىن دائېش تېررورچىسىنىڭ قالغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتىمىز» دېدى. دائېشنىڭ 2014 – يىلىدىن بۇيان سۇرىيە ۋە ئىراقتا تەخمىنەن 70 مىڭ كۇۋادىرات كېلومېتىرلىق رايوننىڭ كونتىروللۇقىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىراقتىكى كونتىروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان رايونلارنىڭ تەخمىنەن %78 نى ۋە سۈرىيەدىكى  كونتىروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان رايونلارنىڭ %58 نى قولدىن بېرىپ قويدى» دېدى.

مىكگۇرك يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدىلا دائېشتىن 20 مىڭ كۇۋادىرات كېلومېتىر جاينىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر دائىرىسىدىكى مۇسۇل سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى قەيت قىلىپ، «ھازىر رەققەنىڭ %45  دېگۈدەك دائېشتىن تازىلىنىپ بولدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مىكگۇرك راققەدە 25 مىڭ پۇقرا بارلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇلارنى بىخەتەر رايونلارغا يۆتكەش ھەققىدە ھېچ نەرسە دېمىدى. 

مىكگۇرك تۈركىيە بىلەن يېقىن ھەكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ۋە ئۆي – ماكانىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۈرىيەنىڭ شىمالىغا قاچقانلىقىنى ئېيتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر