مېكسىكا ترامپنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پىرېزىدېنت ئېنرىكۇ پېنا نىئېتونىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا يېقىن زاماندا تېلېفون قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

783060
مېكسىكا ترامپنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى؛ مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پىرېزىدېنت ئېنرىكۇ پېنا نىئېتونىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا يېقىن زاماندا تېلېفون قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ترامپنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىدەك «نىئېتونىڭ كۆچمەن سىياسىتىنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن ترامپ بىلەن ھېچقانداق شەكىلدە تېلېفوندا كۆرۈشمىگەنلىكى»، ھەتتا ئۇنىڭ ترامپ بىلەن يېقىن زاماندا تېلېفوندا قەتئىي سۆزلەشمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى مېكسىكا پىرېزىدېنتى نىئېتونىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئامېرىكا – مېكسىكا چېگراسىدىكى خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر