فىرانسىيە: ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى قانۇنسىز

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران ۋە رۇسىيەگە يۈرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان يېڭى ئېمبارگولىرىنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇردى.

778698
فىرانسىيە: ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى قانۇنسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىران، رۇسىيە ۋە كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىگە يۈرگۈزمەكچى بولغان يېڭى ئېمبارگولىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھوقۇقى دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا، بۇ مەسىلىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دەرىجىسىدە مۇھاكىمە قىلىنىشىغا ئېھتىياج بارلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئېمبارگولارنىڭ ياۋروپا شىركەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر