ئەرەب ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئىسرائىلىيەنىڭ زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

775546
ئەرەب ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسا ئەتراپىدىكى مۇداپىئەسىز پەلەستىن پۇقرالىرىغا تەڭپۇڭسىز كۈچ ۋە راست ئوق ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غەيت يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇسنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق قارارلارغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە نۆۋەتتىكى پوزىتسىيەدىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئەبۇ غەيت قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسا ئەتراپىدىكى مۇداپىئەسىز پەلەستىن پۇقرالىرىغا تەڭپۇڭسىز كۈچ ۋە راست ئوق ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قىلىۋاتقان زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە پەلەستىن، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر