سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز باشقىلارنى ئۇرغانلىقى سەۋەبلىك نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

774888
سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تېلېۋىزىيە قانلىى ئەل-ئەھبارىيە شاھزادە ئابدۇلئەزىز بىن مۇسايىد ئەل سۇئۇدنىڭ باشقىلارنى ئۇرۇپ ھاقارەت قىلغان ۋىدېئوسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ كېتىشىدىن كېيىن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بۇ ۋىدېئولار سەۋەبلىك شاھزادە ئابدۇلئەزىز ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلارنىڭ دەرھال تۇتقۇن قىلىنىپ زىندانغا تاشلىنىشىغا، شۇنداقلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭمۇ قوغدىلىشىغا بۇيرۇق چۈشۈردى.

شاھزادە ئابدۇلئەزىزنىڭ بۇ ۋىدېئوسى سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر