ئەسەد قىسىملىرى يەنە زەھەرلىك گاز بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئەسەد قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە ئېلان قىلىنغان «تۇقۇنۇشتىن خالىي رايون» دائىرىسىدىكى جايلارغا تۈرى نامەلۇم زەھەرلىك گاز بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

770957
ئەسەد قىسىملىرى يەنە زەھەرلىك گاز بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە ئېلان قىلىنغان «تۇقۇنۇشتىن خالىي رايون» دائىرىسىدىكى شەرقىي غۇتە رايونىغا قاراشلىق ئايىن تېرما يېزاسىغا، بولۇپمۇ رايوندىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئالدىنقى فىرونتىغا تۈرى ئېنىق بولمىغان بىر خىل زەھەرلىك گاز بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

3 قوزغىلاڭچى ئەتراپقا تارالغان زەھەرلىك گازنىڭ ئېغىر تەسىرى ئۇچراپ، دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىندى.

گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەردە قۇسۇش، نەپەس ئالالماسلىق، كۆزى كۆرمەسلىك دېگەندەك ھەر خىل ئالامەتلەر كۆرۈلدى.

ئەسەد قىسىملىرى 3 ھەپتىدىن بۇيان رايونغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە. تۇنۇگۈنكى ھۇجۇمدىمۇ 10 قوزغىلاڭچى تۈرى نامەلۇم گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچىغان ئىدى.

ئەسەد قىسىملىرى شەرقىي غۇتەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يېرىم ئارال شەكىللىك جوبار ماھەللىسىدە تۇرۇشلۇق قوزغىلاڭچىلارنى غەربىي جەنۇبىدىكى ئەيىن تېرمادىن ئايرىپ تاشلاپ، قورشاۋغا ئېلىشنى پىلانلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر