ئەسەد قىسىملىرى «توقۇنۇشتىن خالىي رايون»لارغا ھۇجۇم قىلماقتا

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى يېقىدىن بۇيان «توقۇنۇشتىن خالىي رايون»لار دائىرىسىدىكى جايلارغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.

770218
ئەسەد قىسىملىرى «توقۇنۇشتىن خالىي رايون»لارغا ھۇجۇم قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى «توقۇنۇشتىن خالىي رايون» لار دائىرىسىدىكى قوزغىلاڭچىلارغا تەۋە ئايىن تېرما يېزىسىغا ۋاكۇئۇم بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا 2 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئايىن تېرمادا تۇرۇشلۇق يەرلىك ھەمكارلىق كومىتېتى ئەزاسى ئاممار ئەھمەد، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ دەمەشىقنىڭ شەرقىي غۇتە رايوندىكى ئايىن تېرما يېزىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا 10 پۇقرانىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ھەمدە بىنا خارابىلىرى ئاستىدىمۇ قۇتقۇزۇلۇشنى كۈتۈپ تۇرغان پۇقرالارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن (12- ئىيۇل) دەمەشىقنىڭ  شەرقىدىكى جۇبار مەھەللىسى بىلەن ئايىن تېرما يېزىسىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى جەريانىدا 7 پۇقرا يارىدار بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر