دائېش مىسىرغا ھۇجۇم قىلدى
بۇ ھۇجۇم دائېشنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيانقى مىسىرغا قىلغان ئەڭ چوڭ ھۇجۇمى دەپ قارالماقتا.
766649
![دائېش مىسىرغا ھۇجۇم قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/b0c7/a30a/4f32/595f5eb3714b1.jpg?time=1719244408)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قاراشلىق گۇرۇپپىلار تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا 10 نەپەر مىسىر ئەسكىرى ئۆلدى ۋە 26 ئەسكەر يارىدار بولدى.
دائېشقا ئەزا كۆپ سانلىق تېررورچىلار دەسلەپتە 2 ئاپتوموبىل بومبىنى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا پارتلاتتى. ئاندىن ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ئەتراپنى ئوققا تۇتتى. ئارقىدىنلا يەنە شۇ يولدىكى ئىككىنچى تەكشۈرۈش پونكىتىغىمۇ ھۇجۇم قىلدى.
بۇ ھۇجۇم دائېشنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيانقى مىسىرغا قىلغان ئەڭ چوڭ ھۇجۇمى دەپ قارالماقتا ۋە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
مىسىر ئەسكەرلىرىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىدا بولسا، 40 قا يېقىن تېررورىستنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.