ئوتتۇرا ئافرىقىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 77 ئادەم ئۆلدى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي يولۇچى ئېلىپ يولغا چىققان بىر يۈك ماشىنىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئونلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، يەنە ئونلارچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

765851
ئوتتۇرا ئافرىقىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 77 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي يولۇچى ئېلىپ يولغا چىققان بىر يۈك ماشىنىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، كەم دېگەندە 77 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

قازانىڭ يۈك ماشىنىسى شوپۇرىنىڭ بۇمبارى شەھىرىدىن ئىپپىي رايونىغا بارىدىغان تاش يولدا رول كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكى، قازادا 77 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 60 قا يېقىن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي يولۇچى ئېلىپ يولغا چىققان بىر يۈك ماشىنىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، كەم دېگەندە 77 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئالاقىدار تارماقلار، قازاغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر