قاتار ئېمبارگو يۈرگۈزگۈچى دۆلەتلەر ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

قاتار، دېڭىزچىلىق بىخەتەرلىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنى خەلقئارا دېڭىزچىلىق تەشكىلاتىغا شىكايەت قىلدى.

764336
قاتار ئېمبارگو يۈرگۈزگۈچى دۆلەتلەر ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – قنا، قاتار قاتناش ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى جاسىم ئەسسالىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا خەلقئارا دېڭىزچىلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى كىتاك لىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى؛ خەۋەردە، ئۇچرىشىشتا، قاتار بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسىنى ئۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ، دېڭىزچىلىق ساھەسىدە ئېغىر خەۋپ ۋە زىيانلارنى پەيدا قىلغان خەلقئارا دېڭىزچىلىق كېلىشىملىرىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى، سالىتىنىڭ لىمغا، قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن مۇھاسىرىگە ئېلىش سىياسىتى تۈپەيلى دېڭىزچىلىق بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كەلگەن قانۇنسىز قىلمىشلارغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەقدىم قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، يەمەن، مىسىر ۋە بەھرەين 5 – ئىيۇندا بايانات ئېلان قىلىپ، قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر