ئەردوغان پۇتىن ۋە ترامپ بىلەن مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە دونالد ترامپ بىلەن كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆرۈشتى.

762616
ئەردوغان پۇتىن ۋە ترامپ بىلەن  مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەردوغان-ترامپ كۆرۈشۈشى ئۈستىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «مۇداپىئە سانائىتىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تىلغا ئېلىندى، قاتار كىرىزىسىگە خاتىمە بېرىش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى، ھەر قانداق تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەندى.»

باياناتتا يەنە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى توغرۇلۇقمۇ توختىلىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئاستانا مۇزاكىرىلىرى ئۈستىدە توختالغانلىقلىرى، شۇنداقلا ھامبۇرگدا گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈش مەسىلىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

ئەردوغان-پۇتىن كۆرۈشۈشى توغرۇلۇق كىرىمېل سارىيى تەرىپىدىنمۇ ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ 4-،5- ئىيۇندا رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا سۈرىيەلىك تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5-ئاستانا مۇزاكىرىلىرىدە دائىرىسىدە  سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەشكەنلىكلىرى قەيت قىلىندى.

باياناتتا پۇتىن بىلەن ئەردوغاننىڭ پات يېقىندا كۆرۈشۈش مەسىلىسىدە كېلەشكەنلىكلىرىمۇ ئەسكەرتىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۆرۈشكەنلىكى توغرۇلۇقمۇ ئاقساراي بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە،  ئىككى رەھبەر قاتار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش بولۇپ نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن، شۇنداقلا تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە تېررورنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايدىغان كۈچلەرگە توسالغۇ بولۇش مەسىلىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقان. 

ئاقساراينىڭ مەزكۇر باياناتىدا ترامپنىڭ بارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىمۇ تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر